TSK

TSK · دانىيال 10:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار يەنە پارس پادىشاھى قورەشنىڭ بارلىق كۈنلىرىدىن تاكى پارس پادىشاھى دارىئۇس تەختكە ئولتۇرغان ۋاقىتقىچە، دائىم مەسلىھەتچىلەرنى سېتىۋېلىپ، يەھۇدالار بىلەن قېرىشىپ، قۇرۇلۇش نىشانىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ــ «مېنىڭ قېشىڭغا نېمىگە كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ مەن ئەمدى قايتىپ بېرىپ، «پارستىكى ئەمىر» بىلەن جەڭ قىلىمەن؛ مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، «گرېتسىيەدىكى ئەمىر» مەيدانغا چىقىدۇ.

ئاندىن ئۇ ماڭا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش كاھىن يەشۇئانى، شۇنىڭدەك يەشۇئانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تۇرغان شەيتاننى كۆرسەتتى.

ۋە سىلەر ئۇنىڭدا، يەنى بارلىق ھۆكۈمدارلارنىڭ ھەم ھوقۇقدارلارنىڭ بېشى بولغۇچىدا مۇكەممەلدۇرسىلەر؛   

(مەسىھ [تىرىلىپ] ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).

ئاندىن ئەرشتە جەڭ بولدى. [باش پەرىشتە] مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھا بىلەن جەڭ قىلغىلى تۇردى؛ ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى.