TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 22:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

مەن سېنى «قۇللۇق ماكانى» بولغان مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن.

بىر مۇساپىر زېمىندا ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان بولسا سىلەر ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلماڭلار،

ئۇ يېتىم-يېسىر ۋە تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ، مۇساپىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكنى بەرگۈچىدۇر.

سېنىڭ ئەسلىدە مىسىر زېمىنىدا قۇل بولغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ قۇتقۇزغانلىقىنى يادىڭدا تۇت؛ شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ ئىشنى ساڭا تاپىلىدىم.

سەن مۇساپىر ياكى يېتىم توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بۇرمىلىما؛ تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىمۇ كاپالەتكە ئالما،

پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛ يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛ بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.

ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ

تۇل خوتۇن ۋە يېتىم-يېسىرلارنى، يات ئادەملەر ۋە نامراتلارنى بوزەك قىلماڭلار؛ ھېچكىم ئۆز قېرىندىشىغا كۆڭلىدە يامانلىق ئويلىمىسۇن.