شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى).
TSK
TSK · يارىتىلىش 21:9
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇنىڭ توغرىسىدىكى دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مانا، مەن ئۇنى بەرىكەتلەپ، نەسلىنى كۆپەيتىپ، ئىنتايىن زور ئاۋۇتىمەن. ئۇنىڭ پۇشتىدىن ئون ئىككى ئەمىر چىقىدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن.
چاپارمەنلەر شەھەرمۇ-شەھەر بېرىپ، تاكى زەبۇلۇنغىچە ئەفرائىم ۋە ماناسسەھنىڭ يۇرتلىرىنى كېزىپ چىقتى؛ لېكىن ئۇ يەردىكىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ مەسخىرە قىلاتتى.
شۇنداق بولدىكى، سانباللات بىزنىڭ سېپىلنى يېڭىۋاشتىن ئوڭشاۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، قەھرى بىلەن يەھۇدالارنى مەسخىرە قىلدى.
بىراق مەن بولسام ئادەم ئەمەس، بىر قۇرتمەن، ئىنسان تەرىپىدىن [تۆھمەت بىلەن] رەسۋايىئالەم قىلىنغانمەن، خالايىق تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنمەن.
سەن بىزنى قوشنا ئەللەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرغانسەن؛ ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاھانەت، زاڭلىق ئوبيېكتى قىلدىڭسەن.
لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ.