ئاندىن پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ۋە ئوغلۇڭ شېئار-جاشۇب چىقىپ، كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولغا، يۇقىرى كۆلچەك نورىنىڭ بېشىغا بېرىپ، ئاشۇ يەردە ئاھاز بىلەن كۆرۈشكىن.
TSK
TSK · يەشايا 10:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق خەلق ئۆزلىرىنى ئۇرغۇچىنىڭ يېنىغا تېخى يېنىپ كەلمىدى، ئۇلار ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنى ئىزدىمەيۋاتىدۇ.
يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ، يۇقىرىغا قاراپ مېۋە بېرىدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچى زىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدىن ئىتائەتسىزلىكتىن يېنىپ توۋا قىلغانلارغا يېقىنلىشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلنىڭ تەكەببۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بېرىدۇ؛ ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتمايدۇ؛ ياكى شۇنداق ئىشلار [بېشىغا] چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنى ئىزدىمەيدۇ.
ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ يېنىغا ئىككىلەنمەي قايتىپ كەل! چۈنكى ئۆز قەبىھلىكىڭ بىلەن پۇتلىشىپ يىقىلغانسەن.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئوي-كۆڭۈللىرى قاداقلاشقانىدى؛ چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر كونا ئەھدىنى ئوقۇغىنىدا مۇشۇ چۈمپەردە ئېلىۋېتىلمەي كەلدى؛ چۈنكى پەقەت مەسىھدە بولغاندىلا ئۇ ئېلىپ تاشلىۋېتىلىدۇ.