بەلكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر سىلەرگە يەرلىك كىشىدەك بولسۇن؛ ئۇنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆيگىن؛ چۈنكى سىلەرمۇ مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولغانسىلەر. مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
TSK
TSK · يۇھاننا 13:34
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.
بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە قىزغىن مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭلار؛ بىر-بىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇڭلار.
مۇھەببەت سەۋر-تاقەتلىك بولۇش ھەم مېھرىبانلىقتۇر؛ مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ: مۇھەببەت ئۆزىنى ماختىمايدۇ، تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ،
چۈنكى قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن ئەركىنلىكىڭلارنى ئەتلەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلماڭلار، بەلكى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىر-بىرىڭلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇڭلار.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
ئەمدى مېھىر-مۇھەببەتىمىز سىلەرگە تولغاندەك، رەب سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئاشۇرۇپ، تولۇپ تاشتۇرغاي؛
سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ (ھەمدە شۇنداق قىلىش تولىمۇ لايىقتۇر)، ئى قېرىنداشلار، ــ چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك ئۆسمەكتە ھەمدە بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ ئېشىپ تاشماقتا.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن شاھانە قانۇنغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.
ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر-بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ-باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرگە [بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان] يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ سىلەر تاپشۇرۇۋالغان كونا ئەمرنى يېزىۋاتىمەن. ئۇشبۇ ئەمر سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆز-كالامدۇر.
بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ.
ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.
ئەمدى، ھۆرمەتلىك خانىم، مەن سەندىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى، دەپ ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ ساڭا يېزىپ ئۆتۈنگىنىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى دەسلەپتىن تارتىپ بىزدە بار ئەمردۇر