TSK

TSK · يۇھاننا 16:1

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ۋە [ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزار بىلەن قارىدى. شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ.

ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ بۈگۈن كېچە سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ تۈپەيلىمدىن تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، پادىدىكى قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن.   

بۇ دۇنيادىكىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار.

شۇنىڭ ئۈچۈن گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشىڭ قېرىندىشىڭنى گۇناھقا تېيىلدۇرىدىغان، ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭ تۈزۈك.