ــ [بۇتلىرىڭلار] ئېلىپ كىرىلسۇن، بىزگە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسۇن؛ ئىلگىرىكى ئىشلارنى، ئۇلارنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە كۆز ئالدىمىزدا كۆرسەتسۇن، شۇنداقلا بۇلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى بىزگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتىپ بەرسۇن؛ ــ ياكى بولمىسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى ئاڭلاپ بىلەيلى؛
TSK
TSK · يۇھاننا 16:4
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرش پادىشاھلىقى يېقىنلىشىپ قالدى!» دەپ جاكارلاڭلار.
ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى تويدا ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا، مېھمانلىرى روزا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولىدۇ!؟ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا بولسىلا، ئۇلار ھېچقانداق روزا تۇتالمايدۇ.
بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ،
سىلەرنىڭ بۇ ئىشلار يۈز بەرگىنىدە ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن بۇ [ئىشلار] يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال سىلەرگە ئېيتتىم.
چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتقىنىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟