TSK

TSK · يۇھاننا 2:11

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى.

ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!

بارغىن، نېنىڭنى خۇشاللىق بىلەن يەپ، شارابىڭنى خۇشخۇيلۇق بىلەن ئىچكىن؛ چۈنكى خۇدا ئاللىقاچان مۇنداق قىلىشىڭدىن رازى بولغان.

سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر [شەرىپىمگە] كۆڭۈل قويمىدىڭلار.

چۈنكى تەۋرات قانۇنى مۇسا [پەيغەمبەر] ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنىدى؛ لېكىن مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.   

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى.

ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). [شۇ كۈنلەردە]، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى.

زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن يەپ تويۇنغىنىڭلار ئۈچۈن ئىزدەيسىلەر.

ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، [ئۇنىڭ قېشىدا] بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى.

بۇ سۆزلەرنى يەشايا [پەيغەمبەر] [مەسىھنىڭ] شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى.  

ۋە ئاتىنىڭ ئوغۇلدا ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن، ھەرنېمىنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلىسەڭلار، شۇلارنى ئىجابەت قىلىمەن.

ۋە بىز ھەممىمىزنىڭ يۈزىمىز چۈمپەردىسىز ھالدا رەبنىڭ شان-شەرىپىگە قارىغىنىدا، ئۇنىڭ ئوخشاش سۈرىتىدە بولۇشقا روھ بولغان رەب تەرىپىدىن شان-شەرەپ ئۈستىگە شان-شەرەپ قوشۇلۇپ ئۆزگەرتىلمەكتىمىز.  

چۈنكى بىزنىڭ بىر دەقىقىلىك ۋە يېنىك جاپا-مۇشەققەتلىرىمىز بىز ئۈچۈن ئېشىپ تاشقان، مەڭگۈلۈك، زور ۋەزىنلىك شان-شەرەپنى ھاسىل قىلىدۇ.

مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن يازدىم.