TSK

TSK · يەشۇئا 6:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرۇشى بىلەن سەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىنىڭدا، سەن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىڭ كېرەك؛ ئۇلار بىلەن ھېچ ئەھدە تۈزىشىڭگە ۋە ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىشىڭغا بولمايدۇ.   

ئۇنىڭدىكى بارلىق ئولجىنى ئوتتۇرىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىپ، شۇ شەھەرنى بارلىق ئولجىسى بىلەن قوشۇپ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋەت؛ ئۇ مەڭگۈگە خارابىلىك بولىدۇ ــ قايتىدىن قۇرۇلماسلىقى كېرەك.

سەن يېرىخو بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغا قانداق قىلغان بولساڭ ئايى شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلىسەن. پەقەت سىلەر بۇ قېتىم شەھەردىن ئولجا ۋە چارپايلارنى ئالساڭلار بولىدۇ. ئەمدى سەن شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا پىستىرما قويغىن، ــ دېدى.   قانائان جەنۇبىي تەرىپىدە يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي يۈرۈشلەر

ئەمما گىبېئون ئاھالىلىرى يەشۇئانىڭ يېرىخو بىلەن ئايىغا نېمە قىلغىنىنى ئاڭلىغاندا،

ئۇ كۈنى يەشۇئا ماككەداھنى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى بىلەن شەھىرىدىكى ھەممە خەلقنىڭ بىرىنىمۇ قويماي قىلىچلاپ مۇتلەق يوقاتتى؛ ئۇ يېرىخونىڭ پادىشاھىغا قىلغىنىدەك ماككەداھنىڭ پادىشاھىغىمۇ شۇنداق قىلدى.

[ئىسرائىللار] شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق ھەممىسىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈپ، ھېچ نەپەس ئىگىسىنى قويماي ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتتى؛ ھازورنى يەشۇئا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى،

ئەمدى بېرىپ ئامالەكلەرنى ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىپ ئۇلارنى ھېچ ئايىمايلا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ئۆسمۈر بولسۇن، بوۋاق بولسۇن، كالا-قوي، تۆگە ۋە ئىشەك ھەممىسىنى يوقاتقىن، دېدى.

ئاندىن پەرۋەردىگار سېنى: ــ سەن بېرىپ گۇناھكار ئامالەكلەرنى ھالاك قىلغىن؛ ئۇلارنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن سوقۇشقىن، دەپ ئەۋەتكەنىدى.

ئى بۇلىنىش ئالدىدا تۇرغان بابىل قىزى، بىزگە قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قايتۇرغۇچى بەختلىكتۇر!

ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: ــ «مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل غۇلىتىلىدۇ، ئۇ قايتىدىن كۆرۈنمەيدۇ!