TSK

TSK · يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 2:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇلار ئەر-ئايال بولسۇن، قېرى-ياش بولسۇن، قوي-كالا ۋە ئېشەكلەر بولسۇن شەھەر ئىچىدىكى ھەممىنى قىلىچلاپ يوقاتتى.

پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن كالدىيلەرنىڭ پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇمغا سېلىۋىدى، پادىشاھ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئۆيىدە ياشلىرىنى قىلىچلىدى؛ قىز-يىگىتلەر، قېرىلار، بېشى ئاقارغانلارغا ھېچ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ھەممىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ [خۇدا] بۇلارنىڭ ھەممىسىنى [كالدىيە] پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.

ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.

چۈنكى مەن تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭكىدەك بىر ئاۋازنى، تۇنجى بالىنى تۇغقاندىكىدەك ئازابدا بولغان زىئون قىزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاۋاتىمەن؛ ئۇ قوللىرىنى سوزۇپ: «ھالىمغا ۋاي! بۇ قاتىللار تۈپەيلىدىن ھالىمدىن كەتتىم!» دەپ ھاسىرىماقتا.

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئاياللار، ئۇنىڭ ئاغزىدىكى سۆزگە قۇلاق سېلىڭلار؛ قىزىڭلارغا يىغلاشنى ئۆگىتىڭلار، ھەربىرىڭلار يېقىنىڭلارغا مەرسىيە ئوقۇتۇڭلار؛

ــ بۇ ئىشقا قاراپ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ مانا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن؛ يىگىتلەر قىلىچ بىلەن ئۆلىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولسا قەھەتچىلىك بىلەن ئۆلىدۇ.

شۇڭا بالىلىرىڭنى قەھەتچىلىككە تاپشۇرغايسەن، قىلىچنىڭ بىسىغا ئېلىپ بەرگەيسەن؛ ئاياللىرى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىنىپ تۇل قالسۇن؛ ئەرلىرى ۋابا-ئۆلۈم بىلەن يوقالسۇن، يىگىتلەر جەڭدە قىلىچلانسۇن.

سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم قېرى ھەم ياشلارنى بىتچىت قىلىمەن؛ سېنىڭ بىلەن ھەم يىگىت ھەم قىزنى بىتچىت قىلىمەن؛

شۇڭا، مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ چۈنكى سەن مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۆزۈڭنىڭ بارلىق لەنەتلىك نەرسىلىرىڭ ھەم بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ بىلەن بۇلغىغىنىڭ تۈپەيلىدىن، بەرھەق، مەن سىلەرنى قىرغىن قىلىمەن؛ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن.   

مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.

ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار!

ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ.

چۈنكى مەن زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارغا يەنە ئىچىمنى ھېچ ئاغرىتمايمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە مانا، مەن ئادەملەرنى، ھەربىرىنى ئۆز يېقىنىنىڭ قولىغا ۋە ئۆز پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ مانا، بۇلار زېمىننى خاراب قىلىدۇ، مەن ئۇلارنى بۇلارنىڭ قولىدىن ھېچ قۇتقۇزمايمەن.