TSK

TSK · لاۋىيلار 21:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

سەن شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئوغۇللىرىڭغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن؛ ئۇ قىزلار ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغىنىدا، ئۇلار ئوغۇللىرىڭنىمۇ ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغۇزۇپ، بۇزۇقچىلىق قىلدۇرۇشى مۇمكىن.

شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.

بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن».

چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى.

ــ «ئى خۇدايىم، سەن ئۇلارنى يادىڭدا تۇتقايسەن، چۈنكى ئۇلار كاھىنلىققا داغ تەگكۈگۈچىلەر، كاھىنلىق ھەم لاۋىيلارغا تەۋە ئەھدىنىمۇ بۇلغىغۇچىلاردۇر!».

خۇدا [ئەر-ئايالنى] بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ [خۇدا] نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن!

چۈنكى ئېتىقادسىز ئەر بولسا ئېتىقاد قىلغان ئايالدا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ ئېتىقادسىز ئايال بولسا [ئېتىقاد قىلغان] قېرىنداشتا پاك دەپ ھېسابلىنىدۇ؛ بولمىسا، پەرزەنتلىرىڭلار ھارامدىن بولغان بولاتتى؛ ئەمما ئۇلار ئەمدى پاك بولدى.