TSK

TSK · ماركۇس 2:5

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇنىڭ مەقسىتى ئادەملەرنى [يامان] يولىدىن ياندۇرۇشتۇر، ئىنساننى تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاشتۇر؛

چۈنكى بىز غەزىپىڭ بىلەن يوقايمىز، قەھرىڭ بىلەن دەككە-دۈككىدە قالىمىز.

مانا، ئۆزۈمنىڭ بەخت-تىنچلىقىم ئۈچۈن ئازاب ئۈستىگە ئازاب تارتتىم؛ ماڭا بولغان سۆيگۈڭ تۈپەيلىدىن جېنىمنى ھالاكەت ھاڭىدىن چىقاردىڭسەن؛ سەن ھەممە گۇناھلىرىمنى كەينىڭگە چۆرۈۋەتتىڭسەن.

ۋە مانا، كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسا ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ ھېلىقى پالەچكە: ــ ئوغلۇم، يۈرەكلىك بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى.

مۇشۇ پالەچكە: «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ، ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، زەمبىل-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىش ئاسانمۇ؟

ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى.

ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى.

بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا: ــ مانا، ساقايدىڭ. ئەمدى قايتا گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ ئېغىر كۈلپەت چۈشۈپ قالمىسۇن! ــ دېدى.

بارناباس يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جان-دىلىدىن قەتئىيلىك بىلەن رەبگە چىڭ باغلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى.   

بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى.

چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات،  

خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن بولغان ئەمەللىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببەتتىن چىققان جاپالىق ئەجرىڭلارنى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدتە بولغان چىداملىقىڭلارنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز.  

شۇنداق قىلىپ ئىمان-ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا بىمارنى ساقايتىدۇ، رەب ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھلارنى قىلغان بولسا، بۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.