TSK

TSK · چۆل-باياۋاندىكى سەپەر 25:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەتىسى مۇسا خەلققە سۆز قىلىپ: ــ سىلەر دەرۋەقە ناھايىتى ئېغىر بىر گۇناھ سادىر قىلدىڭلار. ئەمدى مانا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا چىقىمەن؛ گۇناھىڭلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرەلەيمەنمىكىن، ــ دېدى.

كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ.

ئىسرائ‍ىللار مۇساغا سۆز قىلىپ: — بىز نەپەستىن قالاي دەۋاتىمىز، بىز تۈگەشتۇق، بىز ھەممىمىز تۈگەشتۇق!

ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەرھەقىقەت سېنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدىكىلەر مېنىڭ ئالدىمدا خىزمىتىمدە مەڭگۈ ماڭىدۇ، دەپ ئېيتقانىدىم؛ لېكىن ئەمدى مەن پەرۋەردىگار شۇنى دەيمەنكى، بۇ ئىش ھازىر مەندىن نېرى بولسۇن! مېنى ھۆرمەت قىلغانلارنى مەن ھۆرمەت قىلىمەن، لېكىن مېنى كەمسىتكەنلەر پەس قارىلىدۇ.

ئاندىن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارغا كاھىن بولۇشتىن جۇدا قىلىپ ھەيدىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەلىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق شىلوھدا ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.  

ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن زور ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن ھەسەت قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ قۇربانگاھلىرىڭنى يىقىتىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. مەن يالغۇز مەنلا قالدىم ۋە ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى قەستلەۋاتىدۇ، دېدى.

ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار، ئەلىئازارنىڭ ئوغلى فىنىھاس، فىنىھاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇيا،

بۇ ئىش [فىنىھاسقا] ھەققانىيەت دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ نەسلىگىمۇ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە، ئەبەدىي شۇنداق ھېسابلاندى.

بىراق سىلەر بولساڭلار، «پەرۋەردىگارنىڭ كاھىنلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر؛ سىلەر توغراڭلاردا: «ئۇلار خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دېيىلىدۇ؛ ئوزۇقلىرىڭلار ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى بولىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ شان-شەرەپلىرىگە ئورتاق بولىسىلەر.  

ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن.

ــ مەن بىر يەھۇدىي، كىلىكىيەدىكى تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم؛ لېكىن بۇ شەھەردە بېقىپ چوڭ قىلىندىم، گامالىيەلنىڭ قول ئاستىدا ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا تاپشۇرۇلغان تەۋرات قانۇنىنىڭ زىر-زەۋەرلىرىنى قويماي ئۆگىنىپ تەلىم-تەربىيە ئالدىم. مەن سىلەرنىڭ بۈگۈن بولغىنىڭلارغا ئوخشاش، خۇدا يولىغا ئىنتايىن قىزغىن ئىدىم.  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خۇداغا ئائىت ئىشلاردا رەھىمدىل ۋە سادىق باش كاھىن بولۇشى ئۈچۈن، خەلقنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قۇربانلىقىنى بېرەلىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قىلىنىشى كېرەك ئىدى.

چۈنكى بۇ ھەقتە [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «سەن ئەبەدىلئەبەدگىچە مەلكىزەدەكنىڭ تىپىدىكى بىر كاھىندۇرسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن.   

لېكىن سىلەر بولساڭلار [خۇدا] تاللىغان بىر جەمەت، شاھانە بىر كاھىنلىق، پاك-مۇقەددەس بىر ئەل، شۇنداقلا ئۆزىگە ئالاھىدە خاس بولغان بىر خەلقسىلەر؛ بۇنىڭ مەقسىتى، سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ تىلسىمات يورۇقلۇقىغا چاقىرغۇچىنىڭ پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىشىڭلاردىن ئىبارەت.   

ۋە بىزنى بىر پادىشاھلىققا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇداغا كاھىنلار قىلغانغا بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئەبەدىلئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن!