TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 1:26

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ۋە شۇنداق بولىدۇكى، پەرۋەردىگار ئىلگىرى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىپ، سىلەرنى ئاۋۇتقىنىدىن سۆيۈنگەندەك، ئۇ ئەمدى سىلەرنى يوقىتىپ ھالاك قىلىدىغىنىدىن سۆيۈنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئىگىلەشكە كىرىدىغان زېمىندىن يۇلۇپ تاشلىنىسىلەر.

ئاسماندا ئولتۇرغۇچى كۈلىدۇ، رەب ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ؛

بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ، لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ.

يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.

ھاكاۋۇرلار ئۈچۈن جازالار تەيياردۇر، ئەخمەقلەرنىڭ دۈمبىسىگە ئۇرىدىغان قامچا تەيياردۇر.