خۇدا مىدىياننىڭ ئەمىرلىرى ئورەب بىلەن زەئەبنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغان يەردە، مېنىڭ قولۇمدىن كەلگىنىنى قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلارغا تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ ــ دېدى. شۇنداق دېۋىدى، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئاچچىقى ياندى).
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 15:1
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
نابال داۋۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىغا جاۋاب بېرىپ: ــ داۋۇت دېگەن كىم؟ يەسسەنىڭ ئوغلى دېگەن كىم؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز غوجىلىرىنى تاشلاپ كېتىۋاتقان خىزمەتكارلار تولا.
ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرى يەھۇدانىڭ ئادەملىرىگە جاۋاب بېرىپ: قەبىلە بويىچە ئالغاندا، پادىشاھنىڭ [ئون ئىككى] ئۈلۈشتىن ئونى بىزگە تەۋەدۇر، سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ داۋۇت بىلەن تېخىمۇ چوڭراق بۇرادەرچىلىكىمىز بار. نېمىشقا بىزنى كۆزگە ئىلمايسىلەر؟ پادىشاھىمىزنى ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىشكە ئاۋۋال تەشەببۇس قىلغانلار بىز ئەمەسمىدۇق؟ ــ دېدى. ئەمما يەھۇدانىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىلنىڭ ئادەملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن تېخىمۇ قاتتىق ئىدى.
پادىشاھ مويسىپىتلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن مەسلىھەتىنى تاشلاپ، خەلققە قاتتىقلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر سىلى رازىلىق بىلەن بۈگۈن بۇ خەلقنى خۇش قىلىپ ئۇلارغا مېھرىبان مۇئامىلە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ياخشى سۆزلەر بىلەن جاۋاب قىلسىلا، ئۇلار سىلىنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، دېدى.
ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛ مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
ئۇزۇنغىچە سەۋر-تاقەت قىلىنسا، ھۆكۈمدارمۇ قايىل قىلىنار، يۇمشاق تىل سۆڭەكلەردىنمۇ ئۆتەر.
ھاكاۋۇر كىشىلەر شەھەرنى قۇترىتىپ داۋالغۇتار؛ بىراق ئاقىلانىلەر ئاچچىق غەزەپلەرنى ياندۇرار.
بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇ يىغىلغان خالايىقنى تارقىتىۋەتتى.