ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن.
TSK
TSK · پەند-نەسىھەتلەر 17:15
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن ئۇ ئىككى ئادەم، يەنى بېلىيالنىڭ بالىلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا نابوت ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ: «نابوت خۇداغا ۋە پادىشاھقا دەشنەم قىلدى» دەپ گۇۋاھلىق بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نابوتنى شەھەرنىڭ تاشقىرىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.
يالغان تارازا پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ ئادىل جىڭ تېشى ئۇنى خۇرسەن قىلار.
يامانغا يان بېسىشقا، سوراقتا ھەققانىيغا ئۇۋال قىلىشقا قەتئىي بولماس.
جىنايەتچىگە: «ئەيىبسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان كىشىگە، خەلقلەر لەنەت ئېيتار؛ ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنەر.
چۈنكى مېنىڭ ئويلىغانلىرىم سىلەرنىڭ ئويلىغانلىرىڭلار ئەمەس، مېنىڭ يوللىرىم بولسا سىلەرنىڭ يوللىرىڭلار ئەمەستۇر؛
ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاھزادىلەر خۇددى ئولجىسىنى تىتما قىلىدىغان بۆرىلەردەك؛ ئۇلار قان تۆكۈشىدۇ، جانلارنى نابۇت قىلىشىدۇ، ھارام مەنپەئەتنى بۇلىشىدۇ.
چۈنكى سىلەرنىڭ ئاسىيلىقلىرىڭلارنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن؛ ئۇلار ھەققانىي ئادەمنى ئېزىدۇ، ئۇلار پارا يەيدۇ، شەھەر دەرۋازىسىدا مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى قايرىۋالىدۇ.
لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى
سىلەر ھەققانىي بولغۇچىنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار؛ ئۇ سىلەرگە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ.