يارىتىلىش 50:23
TSK
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.
لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ۋەجىدىن سېنىڭ ئۆز كۈنلىرىڭدە مەن شۇنداق قىلمايمەن، بەلكى ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن ئۇنى يىرتىۋېتىمەن.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئايۇپ بىر يۈز قىرىق يىل ياشاپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى، ئوغۇللىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلادقىچە، يەنى ئەۋرىلىرىنىمۇ كۆرگەن.
ئايالىڭ بولسا ئۆيۈڭ ئىچىدە مېۋىلىك ئۈزۈم تېلىدەك بولىدۇ؛ بالىلىرىڭ داستىخانىڭنى چۆرىدەپ، زەيتۇن دەرەخلىرىدەك تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ؛
ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.