TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 20:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئۇ ئۈنچە-مارجان، خرۇستالنى ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقىرىدۇ؛ دانالىقنى ئېلىش قىزىل ياقۇتلارنى ئېلىشتىن ئەۋزەلدۇر.

ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.

كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار.

ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛ ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.

كىشىگە جايىدا بەرگەن جاۋابىدىن خۇش بولار، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر!

كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛ يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار.

[قۇلاققا] ئالتۇن ھالقا، نەپىس ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇمى ياراشقاندەك، ئاقىلانىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۆڭۈل قويغاننىڭ قۇلىقىغا يارىشار.

لېكىن رەبگە ئىشەنمىگەن كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا نىدا قىلالىسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغان كىشى قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسۇن؟ خۇش خەۋەر جاكارلىغۇچى بولمىسا، ئۇلار ئۇنى قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟