TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 22:29

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

ئەمما بىرسى داۋۇتنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ سائۇلغا يەتكۈزدى؛ ئۇ داۋۇتنى چاقىرتىپ كەلدى.

سىلىنىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ھەمىشە سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا تۇرۇپ دانالىقلىرىنى ئاڭلايدىغان بۇ خىزمەتكارلار نەقەدەر بەختلىكتۇر!

بۇلار نېتايىم ۋە گەدەراھدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، كۇلالچىلار ئىدى؛ ئۇلار شۇ يەردە تۇرۇپ پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.

بۇ ياشلار نۇقسانسىز، كېلىشكەن، دانىشمەن-ئۇقۇمۇشلۇق، مول بىلىملىك، مۇتەپەككۇر، ئوردا خىزمىتىدە بولۇشقا لاياقەتلىك، يەنە كېلىپ كالدىيلەرنىڭ ئىلىم-پەنلىرىنى ھەم تىلىنى ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى.

خوجايىنى ئۇنىڭغا: «ئوبدان بوپتۇ! ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىقتىڭ، سېنى كۆپ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق بول!» دەپتۇ.

ئىنتىلىشىڭلاردا ئېرىنمەڭلار، روھ-قەلبىڭلار يالقۇنلاپ كۆيۈپ تۇرۇپ، رەبكە قۇللارچە خىزمەت قىلىڭلار.