TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 28:10

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

چوقۇم شۇنداق بولىدۇكى، بۇ بەلگىلىمىلەرگە قۇلاق سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم بىلەن ۋەدە قىلغان ئەھدە ۋە مېھىرنى سىلەرگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ؛

ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا يىقىلىپ چۈشتى.

بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛ لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.

ئاقىلانىنىڭ ئۆيىدە بايلىق بار، زەيتۇن ماي بار؛ بىراق ئەخمەقلەر تاپقىنىنى ئۇتتۇرلۇق بۇزۇپ-چاچار.

سەمىمىي، دىيانەتلىك يولدا ماڭغان قۇتۇلار؛ ئىككى يولدا ماڭغان ساختا كىشى ئۇلارنىڭ بىرىدە ھامان يىقىلىپ چۈشەر.

شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن ئاۋۋال خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقىغا ئىنتىلىڭلار. ئۇ چاغدا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە قوشۇلۇپ نېسىپ بولىدۇ.

قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە قارشى چىققان، ئاراڭلاردا ئىختىلاپلارنى پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئېتىقاد يولىدىن تېيىلدۇرىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن نېرى بولۇڭلار.

چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ساختا روسۇللار، ئالدامچى خىزمەتكارلار، مەسىھنىڭ روسۇللىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغانلاردۇر.

[شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»] بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى.  

چۈنكى ئۇلار يالغان-ياۋىداق يوغان سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئادەمنىڭ ئەتلىك ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىپ ئەيش-ئىشرەت ئىشلىرى بىلەن ئېزىتقۇلۇق يولىدا مېڭىۋاتقانلاردىن ئۆزلىرىنى يېڭىلا قاچۇرغانلارنى ئازدۇرىدۇ.