TSK

TSK · پەند-نەسىھەتلەر 9:3

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

Back to passage

[بۈيۈك] دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا، چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.

ئۇ چاكارلىرىنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلارنى چاقىرىشقا ئەۋەتىپتۇ، لېكىن ئۇلار كېلىشكە ئۇنىماپتۇ.

بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ».   

چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ.

ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى: ــ مەن خەلق-ئالەم ئالدىدا ئاشكارا سۆز قىلغانمەن، بارلىق يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان سىناگوگلاردا ۋە ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بېرىپ كەلدىم، مەن يوشۇرۇن ھېچنېمە دېمىدىم.

شۇڭا خۇددى خۇدا بىز ئارقىلىق [ئادەملەردىن ئىناقلىققا كېلىشنى] ئۆتۈنگىنىدەك، بىز مەسىھكە ۋاكالىتەن ئەلچىلەردۇرمىز؛ مەسىھنىڭ ئورنىدا «خۇداغا ئىناقلاشتۇرۇلغايسىلەر!» دەپ ئۆتۈنىمىز.