TSK

TSK · تارىخ-تەزكىرە «1» 21:15

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى.

پەرۋەردىگار قاچانىكى ئۇلار ئۈچۈن باتۇر ھاكىملارنى تۇرغۇزسا، پەرۋەردىگار ھامان شۇ باتۇر ھاكىم بىلەن بىللە بولاتتى، باتۇر ھاكىمنىڭ ھايات كۈنلىرىدە ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاتتى؛ چۈنكى ئۇلارنى خارلاپ ئەزگەنلەر تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلگەن ئاھ-زارلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئىچىنى ئاغرىتاتتى.

ئەمدى پەرىشتە قولىنى يېرۇسالېمغا ئۇزۇتۇپ شەھەرنى ھالاك قىلاي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئېغىر ھۆكۈمىدىن پۇشايمان قىلىپ، خەلقنى ھالاك قىلىۋاتقان پەرىشتىگە: ئەمدى بولدى قىلغىن؛ قولۇڭنى يىغقىن، ــ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەبۇسىي ئاراۋناھنىڭ خامىنىنىڭ يېنىدا ئىدى.

ئۆزى چۆلنىڭ ئىچىگە قاراپ بىر كۈن يول ماڭدى. ئۇ ئۇ يەردىكى بىر شىۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىگە تىلەك تىلەپ: ــ ئى پەرۋەردىگار ئەمدى بولدى، جېنىمنى ئالغىن؛ نېمىلا دېگەنبىلەن مەن ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق ئەمەسمەن، ــ دېدى.

بىراق ئۇ يەنىلا رەھىمدىل ئىدى؛ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى يوقاتمىدى؛ ئۇ قايتا-قايتا ئۆز غەزىپىدىن ياندى، ئۇ قەھرىنى قوزغىغىنى بىلەن ھەممىنى تۆكمىدى.

شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار!   

سەن نېمىشقا پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بېشارەت بېرىپ: «بۇ ئۆي شىلوھدەك بولىدۇ، بۇ شەھەر خارابە، ئادەمزاتسىز بولىدۇ!» ــ دېدىڭ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى بارلىق خەلق يەرەمىياغا دوق قىلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى.

پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنداق قىلىشتىن ياندى: «ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ» ــ دېدى پەرۋەردىگار.

ئۇ پەرۋەردىگارغا: — «ئاھ، پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدىكى چاغدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى دېمىگەنمىدىم؟ شۇڭا مەن ئەسلىدە تارشىشقا قاچماقچى بولغانمەن؛ چۈنكى مەن بىلىمەنكى، سەن مېھىر-شەپقەتلىك، رەھىمدىل، ئاسان غەزەپلەنمەيدىغان، چوڭقۇر مېھرىبانلىققا تولغان، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈرۈشتىن يانغۇچى خۇدادۇرسەن.

ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى!