دەرۋازىۋەنلەر شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى ئىدى؛ شاللۇم ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى.
TSK
TSK · تارىخ-تەزكىرە «2» 34:13
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبەد-ئېدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى؛ شۇنىڭدەك يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبەد-ئېدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى.
داۋۇت: «بۇلارنىڭ ئىچىدە يىگىرمە تۆت مىڭ كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە، ئالتە مىڭ كىشى ئەمەلدار ۋە سوتچىلىققا،
دەرۋازىۋەنلەرنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى تۆۋەندىكىدەك بولدى: كوراھ جەمەتىدىكىلەردىن ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە كورەنىڭ ئوغلى مەشەلەمىيا بار ئىدى.
مانا، مەن ئۆزلىرىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا يىگىرمە مىڭ كور بۇغداي، يىگىرمە مىڭ كور ئارپا، يىگىرمە مىڭ بات شاراب، يىگىرمە مىڭ بات زەيتۇن مېيى بېرىمەن» ــ دېدى.
بۇلاردىن پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئۈستىگە قويغان چوڭ نازارەتچىلىرى بولۇپ، ئىككى يۈز ئەللىك ئىدى.
پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق ئىشلاردا سىلەرنى باش كاھىن ئامارىيا باشقۇرىدۇ؛ پادىشاھقا دائىر ئىشلاردا، سىلەرنى يەھۇدا جەمەتىنىڭ يولباشچىسى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زەبادىيا باشقۇرىدۇ؛ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا تۇرىدىغان لاۋىيلار بار. جاسارەتلىك بولۇپ ئىشلىرىڭلارنى قىلىڭلار ۋە پەرۋەردىگار ئىشنى دۇرۇس قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بولىدۇ! ــ دېدى.
بۇ چاغدا يەھۇدىيەدىكىلەر: ــ ئىشچى-ھامماللار ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭدەك چالما-كېسەك ئەخلەتلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ، بىز سېپىلنى ئوڭشاشقا ھەتتا سېپىلغىمۇ يېقىنلىشالمىدۇق! ــ دېيىشتى.
باش كاھىنلار ۋە ئاقساقاللار قايافا ئىسىملىك باش كاھىننىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.