TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:14

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

[سائۇل] دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى.

پاۋلۇس بىلەن بارناباس سىناگوگدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارغا كېلەركى شابات كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە سۆزلەشنى يېلىندى.

لېكىن ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن بەزى يەھۇدىيلار كېلىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قايىل قىلىشى بىلەن، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى، ئاندىن ئۇنى ئۆلدى دەپ قاراپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى.

شابات كۈنى، [شەھەر] دەرۋازىسىدىن چىقىپ دەريا ساھىلىگە باردۇق؛ چۈنكى بىز ئۇ يەردە دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاي بار دەپ ئويلىدۇق؛ دەرۋەقە شۇنداق بولدى. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە يىغىلغان ئاياللارغا سۆزلەشكە باشلىدۇق.

ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.