سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم يېتىپ دۇئا قىلىپ: ــ ئى ئاتام، مۇمكىن بولسا، بۇ قەدەھ مەندىن ئۆتۈپ كەتسۇن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 18:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»
چۈنكى پاۋلۇس ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، دېڭىز سەپىرىدە ئەفەسۇستا توختىماي ئۆتۈپ كېتىشنى قارار قىلغانىدى. سەۋەبى، ئۇ «ئورما ھېيتى» كۈنىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى.
مەن دۇئالىرىمدا، مۇمكىن قەدەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئاخىر مۇيەسسەر بولۇشقا ھەمىشە ئۆتۈنىمەن.
بىراق رەب بۇيرۇسا مەن پات ئارىدا يېنىڭلارغا بارىمەن؛ شۇ چاغدا مەن كۆرەڭلەپ كەتكەنلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا بولغان كۈچ-قۇدرەتنى كۆرۈپ باقاي.
ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.
خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز.
چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، [ئەلۋەتتە].