سىلەر ئائىلەڭدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ شۇ يەردە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ ئالدىدا زىياپەت قىلىڭلار، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرنى بەرىكەتلىگەن قول ئەمگىكىڭلارنىڭ مېۋىسىدىن شادلىنىسىلەر.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:46
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر.
ئۆز يولۇڭنى ماڭا ئۆگەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، ۋە سېنىڭ ھەقىقىتىڭدە يۈرىمەن؛ نامىڭغا ھۆرمەت-ئەيمىنىشتە بولۇشۇم ئۈچۈن، قەلبىمنى پۈتۈن قىلغايسەن.
تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى.
ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى.
بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى.
ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ تەلىم بېرىشتىن ۋە «ئەيسا ــ مەسىھدۇر!» دېگەن خۇش خەۋەرنى جاكارلاشتىن ھېچ توختىمىدى.
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز نان ئوشتۇشقا جەم بولغاندا، پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، جامائەتكە سۆز قىلىشقا باشلىدى؛ ئۇ سۆزىنى تۈن يېرىمگىچە ئۇزارتتى.
مەن تەشەككۈر ئېيتىپ يېسەم، تەشەككۈر ئېيتقان نەرسىنى دۇرۇس يېگىنىم تۈپەيلىدىن يامان دەپ قارىلىشىمنىڭ نېمە ھاجىتى؟
چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق.
سىلەر قۇللار، ئەتتىن بولغان خوجايىنىڭلارغا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك چىن كۆڭلۈڭلاردىن ئەيمىنىش ۋە تىترەش بىلەن ئىتائەت قىلىڭلار؛