ئەمدى ئادونىيا ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەم بولغان مېھمانلار غىزالىنىپ چىققاندا، شۇنى ئاڭلىدى. يوئاب كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا: ــ نېمىشقا شەھەردە شۇنچە قىيقاس-سۈرەن سېلىنىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
TSK
TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 21:31
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
چۈنكى ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشەتتى.
شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى.
بىراق يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بىرنەچچە قەبىھ ئادەملەرنى يىغىپ، بىر توپ كىشىلەرنى توپلاپ، شەھەرنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شەھەر خەلق [كېڭەشمىسىگە] تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنى تۇتۇش مەقسىتىدە ياسون ئىسىملىك بىرسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ باردى.
ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى مىڭبېشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. چۈنكى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، ــ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى، ئاگرىپپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەت بىلەن ئاممىۋىي يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى، مىڭبېشىلار ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كىرىپ كېلىشتى. فېستۇس ئەمر قىلىۋىدى، پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى.
ئۇلار مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ (مەن ئەقىلدىن ئازغانلاردەك سۆزلەۋاتىمەن!)؛ مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ زىيادە كۆپ زورۇقۇپ ئىشلىدىم، ئىنتايىن كۆپ دەررىلەندىم، ئىنتايىن كۆپ قېتىم قامالدىم، كۆپ قېتىم ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم؛