TSK

TSK · روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 4:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇنىڭغا چاپلاشقان جىننىڭ ھەيدىلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانۇھەس بولۇپ: ــ بۇنداق ئىش ئىسرائىلدا زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، ــ دېيىشتى.

ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، لېكىن خالايىق ئۇنى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلاردىن قورقۇشتى.

ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى.

شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى.

باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى.

ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى.

لېكىن بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ يېيىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن بۇ ئادەمنىڭ نامىدا ھېچكىمگە ھېچنېمە دېمەسلىككە ئاگاھ-تەھدىت سالايلى! ــ دېيىشتى.

ئالىي كېڭەشمىدىكىكىلەر نەسىھەتنى قوبۇل قىلدى؛ ئۇلار روسۇللارنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ئۇلارغا ھەرگىز ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلىمەسلىكنى ئاگاھلاندۇردى. ئاندىن ئۇلارنى قويۇپ بەردى.