TSK

TSK · دانىيال 11:30

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

كىتتىم تەرەپلىرىدىن كېمىلەر كېلىپ، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئاشۇرغا، زۇلۇم-زەخمەت سالىدۇ ئېبەرگە؛ لېكىن [كىتتىمدىن كەلگۈچى] ئۆزىمۇ ھالاكەتكە يۈزلىنەر.

چۈنكى مەن قارىسام، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى توبىيا بىلەن سانباللات تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ماڭا زېيان يەتكۈزمەكچى بولۇپ بۇ بېشارەت بەرگەنلىكىگە كۆزۈم يەتتى.

ۋە: ــ «ئى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان زىدون قىزى، سەن ئىككىنچى ھېچ تەنتەنە قىلمايسەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سېپرۇس ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتكىن، ھەتتا شۇ يەردە سەن ھېچ ئارام تاپمايسەن» ــ دېدى.

پالاقلىرىڭنى باشاندىكى دۇب دەرەخلىرىدىن ياسىغان؛ پالۇباڭنى سەمشىت دەرەخلىرىدىن ياساپ، كۇپروس دېڭىز بويىدىكى پىل چىشى بىلەن نەقىشلىگەن.

[شىمالىي پادىشاھ] نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە خۇدانىڭ خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىگە قارشى تۇرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدىگە قارشى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، شادلىنىڭلار، ئەي ئەرشلەر ۋە ئۇلاردا تۇرۇۋاتقالار! لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا چۈشتى؛ ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەچ، غەزەپ-قەھرى بىلەن كەلدى!».