ئەمدى پىرەۋن ئۆزى ئۈچۈن پەم-پاراسەتلىك ھەم دانا بىر كىشىنى تېپىپ، مىسىر زېمىنىغا قويسۇن.
TSK
TSK · دانىيال 4:27
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق دۈشمەننىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن قورقتۇم؛ ئىسرائىلنىڭ رەقىبلىرى بۇ ئىشنى خاتا چۈشىنىپ: ــ بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن بولغان بولسا كېرەك، پەرۋەردىگار بۇنى ھېچ قىلمىدى» دېمىسۇن دەپ، [بۇ ئىشنى قىلمىدىم].
چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن بىرسى تەڭرىگە: «مەن تەكەببۇرلۇق قىلغانمەن؛ مەن توغرىنى يەنە بۇرمىلىمايمەن؛
شۇندا مەن پادىشاھلار ئالدىدا ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭ توغرۇلۇق سۆزلەيمەن، بۇ ئىشلاردا مەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.
چۈنكى ئۇ: ــ «بۇ ئىشلارنى ئۆز قولۇمنىڭ كۈچى بىلەن، ئۆز دانالىقىم بىلەن مەن قىلغانمەن؛ چۈنكى مەن ئەقىللىقتۇرمەن؛ مەن ئەللەرنىڭ پاسىللىرىنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى بۇلىۋالدىم، تەختكە ئولتۇرغانلارنى باتۇر كەبى چۈشۈرۈپ تاشلىدىممەن؛
چۈنكى سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايانغانسەن، سەن «ھېچكىم مېنى كۆرمەيدۇ» ــ دېدىڭ؛ سېنىڭ دانالىقىڭ ۋە بىلىمىڭ ئۆزۈڭنى ئېزىقتۇرۇپ، سەن كۆڭلۈڭدە: ــ «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» ــ دېدىڭ.
مەن تاللىغان شۇ روزا تۇتۇش كۈنى ــ ئادەملەرنىڭ جېنىنى قىينايدىغان كۈنمۇ؟ بېشىنى قومۇشتەك ئېگىپ، ئاستىغا بۆز ۋە كۈللەرنى يېيىش كېرەك بولغان كۈنمۇ؟ سىلەر مۇشۇنداق ئىشلارنى «روزا»، «پەرۋەردىگار قوبۇل قىلغۇدەك بىر كۈن» دەۋاتامسىلەر؟
نە ھېچبىرىگە زۇلۇم-زۇمبۇلۇق ئىشلەتمىگەن، بەلكى قەرزداردىن كاپالەت ئالغاننى قايتۇرىدىغان، بۇلاڭچىلىق قىلمىغان، ئۆز نېنىنى ئاچ قالغانلارغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن، يېلىڭ-يالىڭاچقا كىيىم كىيگۈزگەن؛
ھەم رەزىل ئادەم ئۆتكۈزگەن رەزىللىكىدىن يېنىپ توۋا قىلىپ، ئادىللىق ھەم ئادالەت يۈرگۈزىدىغان بولسا، ئۇ ئۆز جېنىنى ھايات ساقلايدۇ.
مىسىر زېمىنى ۋەيرانە ۋە خارابىلەر بولۇپ قالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ چۈنكى پىرەۋن: «نىل دەرياسى مېنىڭكى، مەن ئۇنى ياراتقانمەن» دېگەنىدى.
ــ يوق بىر نەرسىدىن شادلىنىپ كەتكەنسىلەر، «ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ قۇدرەتكە ئىگە بولغانمىز» ــ دېگەنسىلەر.
شۇنداق قىلىپ ئۇ شامالدەك غۇيۇلداپ ئۆتىدۇ، ھەددىدىن ئېشىپ گۇناھكار بولىدۇ؛ ئۇنىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتى ئۆزىگە ئىلاھ بولۇپ سانىلىدۇ.
مانا بۇ ئەندىشىسىز ياشاپ كەلگۈچى شاد-خۇرام شەھەر، كۆڭلىدە: «مەنلا باردۇرمەن، مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر» دېگەن شەھەر ــ ئۇ شۇنچىلىك بىر ۋەيرانە، ھايۋانلارنىڭ بىر قونالغۇسى بولۇپ قالدىغۇ! ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ.
ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ.
ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى.
بەلكى ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، ئاندىن يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەرگە، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەرگە ھەمدە يات ئەللىكلەرگىمۇ، «توۋا قىلىپ، خۇداغا باغلىنىڭلار، شۇنداقلا توۋا قىلىشقا ئۇيغۇن ئەمەللەرنى كۆرسىتىڭلار» دەپ جاكارلاپ خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلدىم.
چۈنكى مەسىھ ئەيسادا خەتنىلىك كۈچكە ئىگە ئەمەس، خەتنىسىزلىكمۇ كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە بولغىنى پەقەت مۇھەببەت ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان ئېتىقادتۇر.
ۋەھالەنكى، روھنىڭ مېۋىسى بولسا مېھىر-مۇھەببەت، شاد-خۇراملىق، خاتىرجەملىك، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، ئىشەنچ-سادىقلىق،
خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، [گۇناھتىن] قولۇڭلارنى يۇيۇڭلار؛ ئەي ئۈجمە كۆڭۈللەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.