شۇڭا ئۆز قۇلۇڭغا خەلقىڭنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈم قىلىشقا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىدىغان ئويغاق بىر قەلبنى بەرگەيسەن؛ بولمىسا، كىم بۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلالىسۇن؟ ــ دېدى.
TSK
TSK · دانىيال 9:12
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئۇ مەسلىھەتچىلەرنى يالىڭاچ قىلدۇرۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىدۇ، سوراقچىلارنى رەسۋا قىلىدۇ.
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ.
مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئۆز قۇلىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى، روسۇل-ئەلچىلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغۇچى، يېرۇسالېمغا: «سەن ئاھالىلىك بولىسەن»، يەھۇدا شەھەرلىرىگە: «قايتىدىن قۇرۇلىسىلەر؛ خارابەڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن» ــ دېگۈچى؛
بارغىن، ئېفىئوپىيەلىك ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دېگىن: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز سۆزلىرىمنى مۇشۇ شەھەر ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ ئاۋات-ھالاۋەت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن؛ شۇ كۈنى بۇ ئىشلار ئۆز كۆزۈڭ ئالدىدا يۈز بېرىدۇ.
ۋە سېنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭ تۈپەيلىدىن ئاراڭدا ئۆزۈم قىلىپ باقمىغان ھەمدە كەلگۈسى ئىككىنچى قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمەن.
ئۇ كۈن بولسا قاراڭغۇ ھەم سۈر كۈن، بۇلۇتلار قاپلانغان ھەم قاپقاراڭغۇ زۇلمەت كۈن، ــ تاڭ سەھەر تاغلار ئۈستىگە يېيىلغاندەك، زور ھەم كۈچلۈك بىر خەلق كېلىدۇ؛ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇچىلار بولۇپ باقمىغان، ئۇلاردىن كېيىنمۇ، دەۋردىن-دەۋرگە يەنە بولمايدۇ.
لېكىن مېنىڭ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرۇغان سۆزلىرىم ۋە بەلگىلىمىلىرىم، ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بېشىغىمۇ چۈشكەن ئەمەسمىدى؟». شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولىدىن يېنىپ: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار يوللىرىمىز ۋە قىلمىشلىرىمىز بويىچە بىزنى قانداق قىلىمەن دېسە، شۇنداق قىلدى، ــ دېگەن.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئاسمان-زېمىن يوقىمىغۇچە، ئۇنىڭدا پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە تەۋراتتىكى «يود» بىر ھەرپ، ھەتتا بىرەر چېكىتمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.
چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ.
چۈنكى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئاتا-بوۋىلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئەللەرمۇ خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۇلۇغلىشى ئۈچۈن، خەتنە قىلىنغانلارغا خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزگۈچى خىزمەتكار سۈپىتىدە تەيىنلەندى. بۇ خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: ــ «شۇڭا ساڭا ئەللەر ئارىسىدا مەدھىيە ئوقۇيمەن، ۋە سېنىڭ نامىڭنى كۈيلەيمەن» ــ دەپ يېزىلغانىدى.