TSK

TSK · دانىيال 9:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

چۈشتىن كېيىن ئۇلار «بېشارەت بېرىۋاتقان» ھالەتكە چۈشۈپ كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە شۇ ھالەتتە تۇردى. لېكىن ھېچ ئاۋاز ئاڭلانمىدى، ياكى جاۋاب بەرگۈچى ياكى ئىجابەت قىلغۇچى مەلۇم بولمىدى.

ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم.

ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سارافلاردىن بىرى قولىدا قۇربانگاھتىن بىر چوغنى لاخشىگىرغا قىسىپ ئېلىپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى؛

ھايات مەخلۇقلار چاقماقتەك پال-پۇل قىلىپ ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرۈپ تۇراتتى.

ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا مەن بىھوش ھالدا يەردە دۈم ياتاتتىم. لېكىن ئۇ ماڭا شۇنداق بىر يېنىك تېگىپلا مېنى تۇرغۇزدى ۋە ماڭا مۇنداق دېدى: ــ

مانا، گويا ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى قولىنى ئۇزىتىپ لەۋلىرىمنى سىلاپ قويۋىدى، مەن ئاغزىمنى ئېچىپ ئالدىمدا تۇرغۇچىغا: ــ تەقسىر، بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشتىن ئىچ-ئىچىمدىن ئازابلىنىمەن، ماغدۇرۇمدىن كەتتىم.

توققۇزىنچى سائەتلەردە ئەيسا يۇقىرى ئاۋازدا: «ئېلى، ئېلى، لەما ساۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى.  

بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى.

ئۇ پەرىشتىلەر توغرۇلۇق: ــ «ئۇ پەرىشتىلىرىنى شاماللار، خىزمەتكارلىرىنى ئوت يالقۇنى قىلىدۇ»، دېگەنىدى؛