شۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن مەندىنمۇ ئاچچىقلاندى ۋە: «سەنمۇ شۇ يەرگە كىرگۈچى بولمايسەن.
TSK
TSK · قانۇن شەرھى 4:21
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ھالبۇكى، ئاراڭلاردا ھاجەتمەنلەر بولمايدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سىلەرگە مىراس بولۇش ئۈچۈن ئىگىلىشىڭلارغا بېرىدىغان شۇ زېمىندا تۇرغىنىڭدا سېنى زىيادە بەرىكەتلەيدۇ؛
ۋە شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىدىغان زېمىن ئارىسىدا ناھەق قان تۆكۈلمەيدۇ ۋە شۇنىڭدەك گەدىنىڭلارغا خۇن گۇناھى چۈشمەيدۇ.
ئۆلۈكى كېچىچە دەرەختە قالمىسۇن؛ قانداقلا بولمىسۇن، سىلەر دەرەخكە ئېسىلغۇچىنى شۇ كۈندە كۆمۈۋېتىڭلار (چۈنكى كىمدەكىم [دەرەخكە] ئېسىلغان بولسا، خۇدا تەرىپىدىن لەنەتكە قالدۇرۇلغان كىشى ھېسابلىنىدۇ). شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە مىراس قىلىپ بەرگەن زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر.
سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا مىراس قىلىپ بېرىدىغان زېمىنغا كىرىپ ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ قىلىپ ئىگىلەپ ئولتۇراقلاشقاندا،
ئۇلار يەنە [پەرۋەردىگارنى] مېرىباھ سۇلىرى بويىدا غەزەپكە كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن مۇساغىمۇ زەرەر يەتتى؛