TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 21:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سەن ئىسرائ‍ىللارغا مۇنداق دېگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ قانائان زېمىنىغا كىرگىنىڭلاردا،

ئاندىن مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە ئۈچ شەھەرنى ئايرىپ بېكىتتى؛

سىلەر شۇ چاغدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار سىلەرگە بېرىدىغان زېمىندا ئۈچ شەھەرنى ئايرىم قىلىشىڭلار كېرەك؛

پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا ئىگىلەش ئۈچۈن تەقدىم قىلىدىغان زېمىندا بۇرۇنقىلار مىراس يېرىڭدە بېكىتكەن، قوشناڭنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەسلىكىڭ كېرەك.

سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئۆزۈم مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سىلەرگە بۇيرۇغاندەك، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن «پاناھلىق شەھەرلەر»نى تاللاپ بېكىتىڭلار؛

مانا بۈگۈن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلىكى، پەرۋەردىگار بۈگۈن غاردا سىلىنى ئۆز قولۇمغا بەرگەنىدى. بەزىلەر ماڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكىن، دېدى؛ لېكىن مەن سىلىنى ئاياپ: ــ غوجامغا قولۇمنى ئۇزارتمايمەن، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنىدۇر، دېدىم.

لېكىن پادىشاھ: ئى زەرۇئىيانىڭ ئوغۇللىرى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭلار؟ ئۇ قارغىسا قارغىسۇن! ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا، داۋۇتنى قارغىغىن، دەپ ئېيتقان بولسا، ئۇنداقتا كىم ئۇنىڭغا: نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ ــ دېيەلىسۇن؟

ئىخلاسمەن كىشى زېمىندىن يوقاپ كەتتى، ئادەملەر ئارىسىدا دۇرۇس بىرسىمۇ يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قان تۆكۈشكە پايلىماقتا، ھەربىرى ئۆز قېرىندىشىنى تور بىلەن ئوۋلايدۇ.