TSK

TSK · مىسىردىن چىقىش 4:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.

شۇڭا قولۇمنى ئۇزىتىپ، مىسىرلىقلارنى مەن ئۆز زېمىنى ئىچىدە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرخىل كارامەت-مۆجىزىلىرىم بىلەن ئۇرىمەن؛ ئاندىن [پىرەۋن] سىلەرنى قويۇپ بېرىدۇ.

بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

لېكىن پىرەۋن ئاپەتتىن خالاس بولغىنىنى كۆرگەندە، كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇسا بىلەن ھارۇن بۇ كارامەت مۆجىزىلەرنىڭ ھەممىسىنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بولدى؛ لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ قويغىنى ئۈچۈن ئۇ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ زېمىنىدىن كەتكىلى قويمىدى.

پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنى قوغلىدى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشكەن ھالدا مىسىردىن چىقىپ بولغانىدى.

لېكىن ھەشبوننىڭ پادىشاھى سىھوننىڭ بىزنىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويغۇسى يوق ئىدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۇنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ روھ-قەلبىنى قاتتىق، كۆڭلىنى جاھىل قىلىۋەتكەن (بۈگۈنكى ئەھۋال دەرۋەقە شۇنداق).

چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ قاتتىق قىلىنىشى، ئىسرائىل بىلەن جەڭ قىلىش نىيىتىدە بولۇشى پەرۋەردىگاردىن ئىدى؛ بۇنىڭ مەقسىتى، ئۇلارنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلىشى؛ يەنى، ئۇلارغا ھېچ رەھىم قىلىنماي، ئەكسىچە پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىدى.

ئۇ [مىسىرلىقلارنىڭ] قەلبىدە ئۆز خەلقىگە نەپرەت ھاسىل قىلدى، ئۇلارنى ئۆز قۇللىرىغا ھىيلە-مىكىرلىك بولۇشقا مايىل قىلدى.

ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟! قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن، يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن!

ئۇلار خۇدانى بىلىشتىن ۋاز كېچىشنى لايىق كۆرگەنلىكى تاللىغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى بۇزۇق نىيەتلەرگە ۋە نالايىق ئىشلارنى قىلىشقا قويۇپ بەردى.

خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ «خۇدا ئۇلارنىڭ روھ-قەلبىنى غەپلەتكە سالدى، بۈگۈنگە قەدەر كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى».  

ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرىدىغان ھەرخىل قەبىھ ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاكەت ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۆزلىرىنى نىجاتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى سۆيمەي، ئۇنىڭغا قەلبىدىن ئورۇن بەرمەسلىكىدىندۇر.