TSK

TSK · ئەزاكىيال 39:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئاندىن جادۇگەرلەر پىرەۋنگە: ــ بۇ ئىش خۇدانىڭ بارمىقىنىڭ قىلغىنى! ــ دېيىشتى. لېكىن پىرەۋن كۆڭلىنى قاتتىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئېيتقىنىدەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى.

ئىسرائىللارنى قوغلىسۇن دەپ مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ شۇنداق قىلىپ، مەن پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنلىرى ئارقىلىق ئۆز ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىمەن؛ ۋە مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ــ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ سۆزى بويىچە قىلدى.

ئۇلار ئادەم ماڭدۇرۇپ فىلىستىيلەرنىڭ غوجىلىرىنى قىچقارتىپ جەم قىلىپ ئۇلارغا: ــ بىز بىلەن خەلقىمىزنى ئۆلتۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز جايىغا كەتكۈزۈڭلار، دېدى؛ چۈنكى قاتتىق ۋەھىمە شەھەرنى باسقانىدى؛ خۇدانىڭ قولى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تولىمۇ ئېغىر چۈشكەنىدى.

چۈنكى مېنى باسقان قولۇڭ ماڭا كېچە-كۈندۈز ئېغىر بولدى؛ يازدىكى قۇرغاقچىلىقتەك يىلىكىم قاغجىراپ كەتتى. سېلاھ!

ئى پەرۋەردىگار، قولۇڭ كۆتۈرۈلدى، بىراق ئۇلار كۆرمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۆز خەلقىڭگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىڭنى ئۇلار كۆرىدۇ ھەم خىجىل بولىدۇ؛ كۈشەندىلىرىڭ ئۈچۈن [تەييارلانغان] ئوت ئۇلارنى بەرھەق يۇتۇۋېتىدۇ.

مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار.

مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزۈمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ ۋە نۇرغۇن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ».

سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر.