TSK

TSK · يارىتىلىش 13:8

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى.  

ئاندىن ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىپ، ئۇلارغا: ــ يولدا جېدەللەشمەڭلار، دەپ جېكىلىدى. ئۇلار يولغا راۋان بولدى.

ئەبەدنىڭ ئوغلى گائال ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرى بىلەن شەكەمگە كۆچۈپ كېلىۋىدى، شەكەمدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنچ باغلاپ ئۇنى ئۆز يار-يۆلىكى قىلدى.

ئۆزىنى ماجىرادىن نېرى قىلىش كىشىنىڭ ئىززىتىدۇر؛ بىراق ھەربىر ئەخمەق ئۆزىنى باسالماس.

ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش-جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ: سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى.

ئۇنىڭ ئورنىدا، قېرىنداش بىلەن قېرىنداش دەۋالىشىۋاتىدۇ، ــ ۋە كاپىرلار ئالدىدا شۇنداق قىلىدۇ!

بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ.

لېكىن ئەرشتىن كەلگەن دانالىق بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاكتۇر، ئۇ يەنە تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، باشقىلارنىڭ پىكرىگە قۇلىقى ئوچۇق، رەھىمدىل بولۇپ، ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان، ئۇنىڭدا تەرەپبازلىق ياكى ساختىپەزلىك يوقتۇر.

بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، [ئېتىقادچى] قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار.  

لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار».  

كىمدەكىم ئۆزىنى «نۇردا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىنى ئۆچ كۆرسە، ئۇ بۈگۈنگىچە قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ.

ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.