گىدېئون بېرىپ [ئۆيگە] كىرىپ بىر ئوغلاقنى تەييارلاپ، بىر ئەفاھ ئېسىل ئۇندىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە سېلىپ، شورپىسىنى كورىغا ئۇسۇپ بۇلارنى ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سۇندى (ئۇ تېخىچە دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇراتتى).
TSK
TSK · يارىتىلىش 18:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
سامۇئىل «2» 13:6
TSK
شۇنىڭ بىلەن ئامنون يېتىۋېلىپ ئۆزىنى كېسەل كۆرسەتتى. پادىشاھ ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئامنون پادىشاھقا: ئۆتۈنىمەن، سىڭلىم تامار بۇ يەرگە كېلىپ، ماڭا ئىككى قوتۇرماچ تەييار قىلىپ بەرسۇن، ئاندىن مەن ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ يەي، دېدى.
يەشايا 32:8
TSK
پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛ ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.
لۇقا 10:38
TSK
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ [مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە] يولدا كېتىۋېتىپ، مەلۇم بىر يېزىغا كىردى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلدى.
مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىڭلار؛ مېھماندوستلۇققا ئىنتىلىڭلار؛
ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى بەزىلەر شۇ يول بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.