TSK

TSK · يارىتىلىش 19:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.

پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنى سىنايدۇ؛ رەزىللەرگە ۋە زوراۋانلىققا خۇشتارلارغا ئۇ ئىچ-ئىچىدىن نەپرەتلىنىدۇ.

مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»»

ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار!

زامان ئاخىرىدا شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر چىقىپ، رەزىل كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەر ئارىسىدىن ئايرىيدۇ

ئۇنداق بولغاندا نېمىشقا (بەزىلەر بىزگە تۆھمەت چاپلىماقچى بولۇپ، گەپلىرىمىزنى بۇرىۋەتكەندەك) «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىپ قالار» ــ دېيىشكە بولمايدۇ؟ بۇنداق دېگۈچىلەرنىڭ جازالىنىشى ھەقلىقتۇر!

سودوم ۋە گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكىلەرمۇ شۇ ئوخشاش يولدا، يەنى شۇ [پەرىشتىلەرگە] ئوخشاش ئۇچىغا چىققان بۇزۇقچىلىققا ۋە غەيرىي شەھۋەتلەرگە بېرىلىپ كەتكەن، [كېيىنكى دەۋرلەر] ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئوت جازاسىغا ئۆرنەك قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن.