TSK

TSK · يارىتىلىش 31:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار،

ئاندىن ئۇلار تاماق يېگىلى ئولتۇردى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا ئىسمائىللارنىڭ بىر كارۋىنى گىلېئاد تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. تۆگىلىرىگە دورا-دەرمەك، تۇتىيا ۋە مۇرمەككىلەر ئارتىلغان بولۇپ، مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتاتتى.

بالائام پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائ‍ىللارغا بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئالدىنقى [ئىككى] قېتىمقىدىكىدەك سېھىر ئىشلىتىشكە بارمىدى، بەلكى يۈزىنى چۆل-باياۋان تەرەپكە قاراتتى.

بىز شۇ چاغدا ئىگىلىگەن زېمىن مۇنداق: ــ ئارنون دەرياسى يېنىدىكى ئاروئەر شەھىرىدىن تارتىپ، گىلېئاد تاغلىقىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇنىڭدىكى شەھەرلەرنى رۇبەن ۋە گاد قەبىلىسىدىكىلەرگە تەقدىم قىلدىم؛

يەشۇئا پۈتكۈل خەلققە: ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار: ــ «قەدىمكى زاماندا ئاتا-بوۋىلىرىڭلار، جۈملىدىن ئىبراھىم بىلەن ناھورنىڭ ئاتىسى تەراھ دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇراتتى؛ ئۇلار باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولاتتى.   

ئاندىن ئۇلار گىلېئادقا ۋە تاختىم-ھودشىنىڭ يۇرتىغا كەلدى. ئاندىن دان-يائانغا كېلىپ ئايلىنىپ زىدونغا باردى.

ئۇ ۋاقىتتا سۇرىيە پادىشاھى ھازائەل گات شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئاندىن ھازائەل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشقا يۈزلەندى.

ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى.