شەمنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاشۇر، ئارفاخشاد، لۇد، ئارام؛
TSK
TSK · يەشايا 21:2
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
«ئېزىلگۈچى ئاجىزلارنى باسقان زۇلۇم ۋەجىدىن، مىسكىنلەرنىڭ ئاھۇزارلىرى ۋەجىدىن، ھازىرلا ئورنۇمدىن تۇراي» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، «مەن ئۇلارغا، ئۇلار زارىقىپ كۈتكەن ئازادلىقنى يەتكۈزىمەن».
ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.
ئاقىلانىلىك ئادەمنى ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرەر؛ بىراق تۇزكورلارنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى، جاپالىق بولار.
[بابىل] ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن، قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار، ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار، قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار.
چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپقا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ، يەنە ئىسرائىلنى تاللايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆز يۇرت-زېمىنىدا ماكانلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يات ئادەملەر ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپ جەمەتىگە قوشۇلىدۇ.
پۈتكۈل يەر يۈزى ئارام تېپىپ تىنچلىنىدۇ؛ ئۇلار ناخشا ئېيتىپ تەنتەنە قىلىدۇ.
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىدىن بىز ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق: ــ «ھەققانىي بولغۇچىغا شان-شەرەپ بولسۇن!» بىراق مەن شۇنداق دېدىم: ــ «ئاھ، مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! مېنىڭ ياداڭغۇلۇقۇم! ھالىمغا ۋاي! چۈنكى خائىنلار خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ؛ بەرھەق، خائىنلار نومۇسسىزلارچە خائىنلىق قىلىۋاتىدۇ!
پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ، كۈيلەرنى ئېيتىپ زىئونغا يېتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىغا مەڭگۈلۈك شاد-خۇراملىق قونىدۇ؛ ئۇلار خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمگەن بولىدۇ؛ قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ.
زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى،
ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟ چۈنكى مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى ھەردائىم كۆڭلۈمدە سېغىنىمەن؛ شۇڭا ئىچ-باغرىم ئۇنىڭغا ئاغرىۋاتىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا رەھىم قىلمىسام بولمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ.
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن.
لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ.
ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر.
مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛ مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن يۇتۇۋالغىنىنى ياندۇرىۋالىمەن؛ ئەللەر قايتىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشمەيدۇ؛ بەرھەق، بابىلنىڭ سېپىلى غۇلاپ كېتىدۇ.
بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۇقىرى ئىستىھكام-قورغىنى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭدىن ئۇنىڭغا ھالاك قىلغۇچىلار يېتىپ بارىدىغان بولدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
«پەرەس» ــ پادىشاھلىقلىرى پارچىلىنىپ، مېدىئالىقلار بىلەن پارسلارغا تەۋە قىلىندى.
سەن كۆرگەن ئىككى مۈڭگۈزلۈك قوچقار مېدىئا بىلەن پارس پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەركىن-ئازادىلىكتە ياشاۋاتقان ئەللەرگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن؛ چۈنكى مەن [خەلقىمگە] سەللا غەزەپلىنىپ قويىۋىدىم، ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ [خەلقىمگە] زور ئازار قىلدى»، دەيدۇ.