TSK

TSK · يوئېل 2:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى.  

ئەمدى تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار كۆزلىرىڭلارنىڭ ئالدىدا قىلىدىغان ئۇلۇغ كارامەتنى كۆرۈڭلار!

دالادىكى يايلاقلارغىمۇ تامىدۇ؛ تاغ-داۋانلار شات-خوراملىقنى ئۆزلىرىگە بەلۋاغ قىلىدۇ؛

ئاسمانلار شادلانسۇن، يەر-جاھان خۇش بولسۇن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە چۇقان سېلىپ جۇش ئۇرسۇن!

«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» پەرۋەردىگار زىئوندىن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، بىز چۈش كۆرگەندەكلا بولدۇق؛

ــ دالا ھەم قاغجىراپ كەتكەن جايلار ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ؛ چۆل-باياۋان شادلىنىپ زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ؛

ئى ئاسمانلار، ناخشا ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار شۇ ئىشنى قىلغان! ئى يەرنىڭ تېگىلىرى، شادلىنىپ، ياڭراڭلار! ئى تاغلار، ئورمانلار ۋە ئۇلاردىكى ھەربىر دەرەخلەر، ياڭرىتىپ ناخشىلار ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ ھۆرلۈككە سېتىۋالدى، ئۇ ئىسرائىل ئارقىلىق گۈزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ!».

چۈنكى سىلەر شاد-خۇرام ھالدا چىقىسىلەر؛ ئارام-خاتىرجەملىكتە يېتەكلىنىپ چىقىسىلەر؛ تاغلار ھەم دۆڭلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ناخشا ياڭرىتىدۇ، دالالاردىكى بارلىق دەل-دەرەخلەر چاۋاك چېلىشىپ تەنتەنە قىلىدۇ؛  

ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن.

ھەم شىمالدىن كەلگۈچىنى سىلەردىن يىراق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدى قىسمىنى شەرقىي دېڭىزغا، كەينى قىسمىنى غەربىي دېڭىزغا قوغلىۋېتىمەن؛ ئۇنى چۆل بىر زېمىنغا ھەيدىۋېتىمەن؛ ئۇنىڭ سېسىقلىقى پۇراپ تۇرىدۇ، پاسىق ھىدى چىقىدۇ؛ چۈنكى ئۇ «چوڭ ئىشلارنى قىلغۇچىمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇلۇغ قىلماقچى بولىدۇ.

مەن ھازىر، مۇشۇ كۈنلەردە يەنە يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا جەمەتىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش ئويىدا بولدۇم؛ قورقماڭلار.