TSK

TSK · يوئېل 3:13

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

سودوم خەلقى رەزىل ئادەملەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن،

«مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛ بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛ مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم، قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛ ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛ مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛

كۈرمەك چاچقان دۈشمەن ــ ئىبلىستۇر. ئورما ئورۇش ۋاقتى ــ زامان ئاخىرىدۇر. ئورمىچىلار ــ پەرىشتىلەردۇر.

ئىبادەتخانىدىن باشقا بىر پەرىشتە چىقىپ، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئورغىقىڭنى سال ۋە ئورۇشقا باشلا! چۈنكى ئورما ۋاقتى كەلدى، يەر يۈزىدىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى، دېدى.