ۋە مەن سەن بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىغا، سېنىڭ نەسلىڭ بىلەن ئايالنىڭ نەسلىنىڭ ئارىسىغا ئۆچمەنلىك سالىمەن؛ ئۇ سېنىڭ بېشىڭنى دەسسەپ زەخىملەندۈرىدۇ، سەن قوپۇپ ئۇنىڭ تاپىنىنى [چېقىپ] زەخىملەندۈرىسەن».
TSK
TSK · يۇھاننا 19:30
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
بىراق ئۇنى ئېزىشنى لايىق كۆرگەن پەرۋەردىگاردۇر؛ ئۇ ئۇنى ئازابقا چۆمۈلدۈرگۈزدى. گەرچە ئۇ ئۆز جېنىنى گۇناھنى يۇيىدىغان قۇربانلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىنى چوقۇم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرىدىغان كۈنلىرى ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلى سۆيۈنىدىغان ئىشلار ئۇنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، راۋاج تېپىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
ــ «[خۇدا] تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر.
ئويغان، ئى قىلىچ، مېنىڭ پادىچىمغا، يەنى مېنىڭ شېرىكىم بولغان ئادەمگە قارشى چىق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛ ــ پادىچىنى ئۇرۇۋەت، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ؛ مەن قولۇمنى كىچىك پېئىللارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرۈپ تۇرغۇزىمەن.
ئىنسانئوغلىمۇ دەرۋەقە شۇ يولدا كۆپچىلىك خىزمىتىمدە بولسۇن دېمەي، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتىدە بولاي ۋە جېنىمنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەي دەپ كەلدى.
ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ [ماڭا تاپشۇرغان] خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن.
ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن): ــ ئۇسساپ كەتتىم! ــ دېدى.
چۈنكى تەۋرات قانۇنىنىڭ نىشان-مەقسىتى مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرى ئۈچۈن ھەققانىيلىق بار بولدى.
ئۆزىنى تۆۋەن قىلىپ، ھەتتا ئۆلۈمگىچە، يەنى كرېستتىكى ئۆلۈمگىچە ئىتائەتمەن بولدى؛
پەرزەنتلەر بولسا ئەت بىلەن قاندىن تەنلىك بولغاچقا، ئوغۇلمۇ [شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە] ئوخشاشلا ئەت ۋە قاندىن تەنلىك بولدى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان ئىبلىسنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ،
دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ؛ [قۇربانلىق] قېنى تۆكۈلمىگۈچە، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ.