يەھۇدا ياش بىر شىردۇر؛ ئەي ئوغلۇم، سەن ئوۋنى تۇتۇپلا چىقتىڭ؛ ئۇ شىردەك [ئوۋنىڭ يېنىدا] چۆكۈپ سوزۇلۇپ ياتسا، ياكى چىشى شىردەك يېتىۋالسا، كىممۇ ئۇنى قوزغاشقا پېتىنار؟
TSK
TSK · يۇھاننا 8:6
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە-مىكىرلەرنى ئويلىماقتا.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ «تىلىم گۇناھ قىلمىسۇن دەپ، يوللىرىمغا دىققەت قىلىمەن؛ رەزىللەر كۆز ئالدىمدا بولسا، مەن ئاغزىمغا بىر كۆشەك سالىمەن» ــ دېگەنىدىم.
يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛
دەل شۇ پەيتتە ئادەم قولىنىڭ بەش بارمىقى پەيدا بولۇپ، چىراغداننىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردىنىڭ تام سۇۋىقىغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يازغان قولنىڭ كۆرۈنگەن قىسمىنى كۆرۈپ،
شۇڭا بۇنداق دەۋردە «پەملىك ئادەم» سۈكۈت قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ رەزىل بىر دەۋردۇر.
لېكىن ئۇ ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ ئايالنى يولغا سالساڭ! چۈنكى ئۇ كەينىمىزدىن ئەگىشىپ يالۋۇرۇپ نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېدى.
ئەمدى بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنى قىلتاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: ــ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق سەۋەبتىن ئايالىنى قويۇۋېتىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات-قانۇن ئۇستازى ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:
پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى.
زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، ــ دېدى.
ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى.
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى.
يەنە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەسىھنى سىنىغىنىدەك مەسىھنى سىنىمايلى؛ چۈنكى شۇ سەۋەبتىن ئۇلار يىلانلار چېقىشى بىلەن ھالاك بولدى.