TSK

TSK · لاۋىيلار 21:9

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن بىرسى يەھۇداغا: ــ سېنىڭ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىنادىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى، دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. يەھۇدا جاۋابەن: ــ ئۇنى ئېلىپ چىقىڭلار، كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن! ــ دېدى.

ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ.  

يەشۇئا ئاقانغا: ــ سەن بېشىمىزغا قانچىلىك ئاپەت كەلتۈردۈڭ! مانا، بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئاپەت كەلتۈرىدۇ، ــ دېدى. ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ھەممىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى.

ساڭا بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاشقا، ئىككى ئوغلۇڭ خوفنىي بىلەن فىنىھاسنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان مۇنداق بىر ئالامەت بېشارەت بولىدۇ: ــ ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى بىر كۈندە ئۆلىدۇ.

زىئوندىكى گۇناھكارلار قورقىدۇ؛ ۋەھىمە ئىپلاسلارنى بېسىۋالىدۇ. [ئۇلار]: «ئارىمىزدىكى كىم مەڭگۈلۈك يۇتقۇر ئوت بىلەن بىللە تۇرىدۇ؟ كىم ئەبەدىلئەبەد يالقۇنلار بىلەن بىر ماكاندا بولىدۇ؟» ــ دەيدۇ.

مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ.

ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.