TSK

TSK · لاۋىيلار 7:21

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

لېكىن خەتنىلىكى تۇرۇپ، تېخى خەتنە قىلىنمىغان ھەربىر ئەركەك مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان ھېسابلىنىپ، ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى.

يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا ھېچ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن؛ چۈنكى مۇساپىر بولسۇن، زېمىندا تۇغۇلغان بولسۇن، كىمكى بولدۇرۇلغان نەرسىلەرنى يېسە شۇ كىشى ئىسرائىل جامائىتىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛

لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.   

كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان ئۇششاق جانىۋارلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە يىرگىنچلىك بولىدۇ.

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.

چۈنكى بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىنى قىلغۇچى، ــ مۇنداق قىلمىشلارنى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.

ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.

ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە،

ــ ئۆلۈككە، يەنى ھەرقانداق ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىتىگە تېگىپ كەتكەن ھەربىر كىشى يەتتە كۈن ناپاك سانىلىدۇ.

لېكىن، كۆشىگۈچى ياكى ئاچىماق تۇياقلىق ھايۋانلاردىن تۆۋەندىكىلەرنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: ــ تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇر (چۈنكى ئۇلار كۆشىگۈچى بولغىنى بىلەن تۇيىقى ئاچىماق ئەمەستۇر. شۇڭا ئۇلار سىلەرگە ھارام بولىدۇ).

بىراق تۆۋەندىكى ئۇچار-قاناتلارنى يېمەسلىكىڭلار كېرەك: يەنى بۈركۈت، تاپقۇش-غېچىرلار، دېڭىز بۈركۈتى،

شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر گۆشنى قان بىلەن يەيسىلەر؛ سىلەر ئۆز مەبۇدلىرىڭلارنى باش كۆتۈرۈپ ئىزدەيسىلەر؛ سىلەر قان تۆكۈۋاتىسىلەر؛ ئەمدى سىلەر زېمىنغا مىراس بولامسىلەر؟