TSK

TSK · لۇقا 21:24

Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.

ئۆتكەلگە قايتىش

پەرۋەردىگار سىلەرنى يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە ئەللەرنىڭ ئارىسىغا تارقىتىدۇ؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تونۇمىغان ياغاچ بىلەن تاشتىن ياسالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛

مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا [تەۋەلىكىگە] ئىگە بولالىغان؛ دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛  

ۋە مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر كارامەت بەلگىنى تىكلەيمەن؛ ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن؛ نام-شۆھرىتىمنى ئاڭلىمىغان، شان-شەرىپىمنى كۆرۈپ باقمىغان تارشىشقا، لىۋىيەگە، ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان لۇدقا، تۇبال، گرېتسىيەگە ھەم يىراق چەتلەردىكى ئاراللارغا ئۇلارنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئەللەر ئارىسىدا مېنىڭ شان-شەرىپىمنى جاكارلايدۇ.

كەينىدىن، بىر مۇقەددەس [پەرىشتىنىڭ] سۆز قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مۇقەددەس [پەرىشتە] سۆز قىلغان [پەرىشتىدىن]: ــ غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن بۇ ۋەقەلەر، يەنى «ۋەيران قىلغۇچى» ئاسىيلىق، كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ھەم خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىنىشى قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشىدۇ؟ ــ دەپ سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

ئۇ دەريا سۈيى ئۈستىدە تۇرغان، كاناپ كىيىم كىيگەن زات ئوڭ ۋە سول قولىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات بولغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ بىر ۋاقىت، ئىككى ۋاقىت، قوشۇمچە يېرىم ۋاقىت كېتىدۇ. [خۇدانىڭ] مۇقەددەس خەلقىنى پارچىلىغۇچى خورلۇق ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلار تۈگەيدۇ، ــ دېدى.  

قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا [خۇدا تاللىغان] يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛