پەرۋەردىگار مۇساغا: — بۇ خەلق مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ گەرچە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۇنچە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ياراتقان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ماڭا قاچانغىچە ئىشىنىشمەيدىكەن؟
TSK
TSK · ماركۇس 16:14
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
ئاندىن ئۇ ئۆزى كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردە تۇرۇۋاتقانلارنى توۋا قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: ــ
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟
ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى.
ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، [ئەيسا] ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى.
شۇڭا، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇقەددەس روھنىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈن، ئەگەر سىلەر [خۇدانىڭ] ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
مەن كىمنى سۆيسەم، شۇنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن قىزغىن كۆيۈپ-پىشىپ توۋا قىل.