ماتتا 12:22
TSK
شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى.
TSK
Treasury of Scripture Knowledge references in مۇقەددەس كىتاب.
شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ئۇنى ساقايتتى، كور گاچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى.
ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى.
مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى.
ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: ــ [ئۆيۈمگە] چۈشۈپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرگەيلا! ــ دەپ توختىماي ئىلتىجا قىلدى.